Yatlaxtuk-Gulhan
HQYatlaxtuk-Gulhan无损flac下载mp3下载
Yatlaxtuk-Gulhan 在线试听歌词免费下载
يامان كۈنلەردە تۇققان ئىدۇق
روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق
پالاستىن تەستە ئايرىلىپ
گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق
تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا
تۇقاچ ياققاندا ياتلاشتۇق
ئۇچۇپ چىقتۇق دىسەك كۆككە
قانات قاتقاندا ياتلشتۇق
Muzika♪
ئانا كەتتى بىرەر ئۆيدە
تۈزۈك تۆت كۈن تۇرالماي
ئىلىندى تاختىغا نانلا
بالام دەپمۇ سورالماستىن
دادامنى مەنمۇ كەتكۈزگەن
بىرەر پاقلان سۇيالماستىن
شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان
تىنىپ يانغاندا ياتلاشتۇق
Muzika♪
زۆرۈر بولسا مالاي قىلدۇق
شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق
كىلىنلەر چاچ تاراپ يۈردى
شۇلارغا نان ياققۇزدۇق
قىلىپ تەنە بەزەن جاھان
جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق
شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان
تىنىپ يانغاندا ياتلاشتۇق
Muzika♪
ئانا كەتتى دادا كەتتى
دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى
يىيەرگە نان ئىچەرگە ئاش
كۆڭۈلدىن بىرگە ياز كەتتى
ئىزادا ئۆتتى ھىيىت ئايەم
قىلالماي جەم قىرىنداشنى
ئۆتەرمىز ئۇچۇرشۇپ قالساق
ئارانلا لىڭشىتىپ باشنى
تالاي يىللىق قېرىنداشلىق
پۇل تاپقاندا ياتلاشتۇق
تالاي يىللىق قېرىنداشلىق
روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق
未经许可,不得翻唱或使用